ئۇ بۇ سۆزلەرنى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بۇ ھەپتە گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىيە ئاكتىپلىرىنى گوللاندىيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە پارتلىغان «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» ۋە خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ ئىنقىلابنىڭ خىتايدا قوزغىغان تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن غەيرەت ئەپەندىنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت ئەزاسى پالمېر 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «ئۈرۈمچىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەرگىز قايتا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. ئۇيغۇر خەلقى ئېلىپ بارغان نامايىش مەيلى خەلقئارا قانۇنلار نۇقتىسىدىن بولسۇن، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىدا بولسۇن تامامەن قانۇنلۇق. بۇ يول قويۇش كېرەك بولغان، خەلقنىڭ تۈپ ھاياتلىق ھوقۇقى» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەردە «ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى» پارتلىغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۆلكىلىرىدە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆكتىچى زاتلارنى نەزەربەند قىلىش بىلەن قالماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي بوران-چاپقۇندىن چۆچۈپ كېتىپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئۆتكەن ئاي بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى «ياسىمەن ئىنقىلابى» پارتلاش ئېھتىمالىنى رەت قىلغان، لېكىن ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.