ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇ كۈنى تۆۋەندىكى پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ پائالىيەتلەر، گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنى، كانادا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى دەيۋىد ماتاسنىڭ رۇتتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە ئامېستېردامدىكى بىر تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مىللىي توپلار" دېگەن تېمىدىكى يىغىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە 10 - دېكابىر كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دائىر ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىدىغانلىقى، مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان گوللاندىيىدىكى ھەر قايسى سىياسى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل زاتلىرىنىڭ ۋە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دىموكراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتىۋالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ كۈنى رۇتتېردام ئۇنىۋېرسىتېتىدا كانادالىق ئادۋوكات دەيۋىد ماتاسنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى شۇنداقلا ئامېستېردامدىكى بىر تىياتىرخانىدا "خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىللى توپلار" دىگەم تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇنىڭ سىرتىدا يەنە، يۇقىرىقى تەشكىلاتلار 7- دېكابىر كۈنى گوللاندىيىدىكى ئىككى مەشھۇر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت ئورنى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ "خىتاي كومپارتىيىسىنى سوتلاش كوللىگىيىسى تەسىىس قىلىش" مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.