Google شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىكول ۋاڭ يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ئىسپات بېرىپ،Google" خىتايدىكى تور ئىزدەش مەشغۇلاتىدا ئىزدەشكە قارىتىلغان چەكلىمىنى توختۇتۇش پوزىتسىيەسىدە تەۋرەنمەيدۇ" دىگەن ئىدى.
Google شىركىتى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تور مەشغۇلاتىدا خىتاينىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خالىمايدىغان بەزى نازۇك ئۇچۇرلارنى توسىغان. Google بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپ خىتاي تور خاكىرلىرىنىڭ Google ئابۇنت ئامبېرىغا كىرىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغۇرلاش ۋەقەسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىدى.
خىتاي سانائەت - ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى لى يىجوڭ Googleنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "ئەگەر Google......جوڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇ غەيرى دوستانە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭ ئاقىۋېتىگە مەسئۇل بولىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. لى يىجوڭ Google نى ئاگاھلاندۇرۇشتىن سەل بۇرۇن Google شىركىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر بېيجىڭ Google نىڭ خىتايدىكى مەشغۇلاتىدا ئۈزلىكسىز توردا ئىزدەشكە چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلىۋەرسە، خىتايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
Google نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىكول ۋاڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋالىقىدا "ئەگەر مەشغۇلاتىمىزنى توختۇتۇشپ، خىتاينى تەرىك ئېتىشكە توغر ئاكەلسە، بىزنىڭ بۇنىڭغا تەييارلىقىمىز بار" دىگەن ئىدى. لى يىڭجوڭ جۈمە كۈنكى باياناتىدا " ئەگەر Google ئايرىلىشنى قارار قىلسا، جوڭگونىڭ ئىنتېرنەت بازىرى تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.