بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا گۇگۇلنى قوللانغۇچىلار ئۆزلىرى گۇگۇلدىن ئاچقان تور پونكىتلىرىغا كىرەلمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىكى خەت ساندۇقىنى ئاچالمايدىغان مەسىلىگە دۇچ كەلگەن.
گۇگۇلنىڭ شىكايەتنامىسىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىنتايىن نورمال يۈرۈشۈۋاتقان گۇگۇلنىڭ «گ خەت» مۇلازىمىتىنى توسۇۋېلىش ياكى «گ خەت» لەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئوغرىلاپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن گۇگۇلنىڭ شىكايىتىنى رەت قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتقا توسقۇنلۇق قىلغىنى يوق دەپ جاكارلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن گۇگۇل خىتاينى، خاككېر بىلەن ھۇجۇم قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي بازىرىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى. گۇگۇلنىڭ مۇلازىمىتىنى خوڭكوڭ ۋاكالىتەن داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىنمۇ، بۇ يىل 2-ئايدا يەنە بۇرۇنقىدەكلا، مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئىزدىسە تاپقىلى بولمايدىغان مەسىلە يۈز بەردى. گۇگۇل بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئەرز-دەۋادىن يەنە قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى نامەلۇم.