BBC دە خەۋەر قىلىشىچە، بەزىلەر چاقچاقلارنى يېزىپ قالدۇرغان بولسا، بەزىلەر ئىككى ھەپتە ئىلگىرى دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى ھەققىدە سوئاللارنى سوراشقان. يەنە بەزىلەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېن گۋاڭچېڭغا ياردەم تەلەپ قىلغان.
باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىغا ئوخشاشلا Google+ مۇ خىتايدا توسۇۋېتىلگەن. ئەمما 20 - فېۋرالدىن باشلاپ بۇ تور بېتى خىتاينىڭ بەزى جايلىرىدا ئېچىلىدىغان بولغان.
نۆۋەتتە ئاقساراي بۇ ھەقتە تېخى بىر ئىپادە بىلدۈرمىدى.
