ئۇندىن باشقا 28-يانۋاردا يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئىشچىسىنىڭ جەسىتىمۇ بۈگۈن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ۋەقە «تۇتقۇن قىلىنغان 29 نەپەر خىتاي ئىشچىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەلىبىسى ھەم خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە چىقىشىنىڭ نەتىجىسى» دەپ مەدھىيىلەندى.
ئەمما، ب ب س ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئافرىقا مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇداندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېغىر تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇش بەدىلىگە،گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان خىتاي ئىشچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەرلەردە خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى، خىتاينىڭ ئافرىقا سىياسىتىدە بايلىق توپلاشنىلا مەقسەت قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە يانتاياق بولۇپ، ئافرىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكى ھەم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقا ئىشچىلىرىغا باراۋەرسىز مۇئامىلە قىلغانلىقى قاتارلىق ئامىللار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.