دېلونىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىشى يەنى قاتىل گۇ كەيلەينىڭ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ ئايالى بولۇشى، مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى ھۆكۈمگە قارىتا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي ئاخباراتلىرى گۇ كەيلەي ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى؛ ئەمما ئامېرىكىنىڭ س ن ن ناملىق خەۋەر تورى، گۇ كەيلەي ھەققىدە دۈشەنبە كۈنى يەنى 20 - ئاۋغۇست كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گۇ كەيلەي ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان سوتتا ئۆزى ۋە ئوغلىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنىڭ نېيل ھېيۋۇد تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مەزكۇر جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئەمما ئەنگلىيە ئاخباراتىدا چىققان بىر خەۋەردە، نېيل ھېيۋود ئۆلتۈرۈلگەن مەزگىلدە گۇكەيلەينىڭ ئوغلىنىڭ ئامېرىكىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ۋە گۇكەيلەينىڭ ئۆزىنىڭ جىنايەت سادىر قىلغان كۈنى نېيل ھېيۋۇد بىلەن بىر رېستوراندا ھاراق ئىچكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى قوغداش باھانىسىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
نۆۋەتتە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، گۇ كەيلەينىڭ خىتاي يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى مۇناسىۋەت تورى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدىغانلىقىنى، بەلكىم كېچىكتۈرمە ئۆلۈم ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.