خىتايدا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان ئۆلۈم جازالىرى ئاساسەن مۇددەتسىز ياكى مۇددەتلىك قاماققا ئۆزگەرتىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، گۇ كەيلەيگە بېرىلگەن جازا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشى دەپ قارالماقتا.
بۈگۈن ئەنگلىيىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىگە رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، گۇ كەيلەي تۇتۇلغاندىن باشلاپ، ئەنگلىيە خىتاي تەرەپتىن، گۇكەيلەينىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە جازالىنىشىنى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىكىنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، گۇ كەيلەينىڭ ئامان قېلىشىدا، ئۇنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيىنىڭ مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.