مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى خىتاي ئورتاق تىلىغا ئۆزگەرتىش قارارى ئالغان. گۇاڭدۇڭ خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن.
رويتېرستا خوڭكوڭ ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يەكشەنبە كۈندىكى نامايىشقا 10 مىڭدەك ئامما قاتناشقان. ئۇلار گۇاڭدۇڭچە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقاتقان ۋە نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن. نامايىشچىلار " بىز كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت قارىشىنى قوللايمىز. ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق تىلنى بۇيرۇق بىلەن يولغا قويۇش پىلانىغا قاتتىق قارشى تۇرىمىز" دېگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە يەنە، بەزى نامايىشچىلار " مەن گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوللايمەن. ئەگەر بىز بۇنى سۆزلىمىسەك، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەن بولىمىز" دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ساھەسىدە ئىشلىتىشنى ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرغان ھەمدە " قوش تىل" مائارىپى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا يەسلىدىن باشلاپ خىتايچە ئۆگىتىشنى باشلىغانىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە مەزكۇر سىياسەتلەرگە قارشى پىكىر بايان قىلغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
