گۇئاڭدوڭلۇقلارنىڭ بۇنداق ئۆز شىۋىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش نامايىشى ئۆتكەن ھەپتىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن داۋاملاشقان. ساقچىلار يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشچىلارنى قورشىۋالغان. ھەتتا ئۇلار خوڭكوڭنىڭ بىر تېلېۋىزىيە مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنى تۇتقۇنلۇقق ئالغان.
بۇ كۈنى يەنە 150 دىب ئارتۇق خوڭكوڭلۇق گۇئاڭدوڭ شىۋىسىنى قوغداش نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئاڭدوڭچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئورتاق تىلنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇئاڭدوڭچىنى خەنزۇ تىلىنىڭ بىر شىۋىسى دەپ قارايدۇ، ئەمما گۇئاڭدوڭلۇقلار ئۇنىڭغا خۇددى "ئايرىم تىلدەك سالاھىيەت بېرىلىشى"، كېرەك دەپ ھېسابلايدۇ.