يىغىندا تۈزۈلمە ئىسلاھات تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى لولى سۆز قىلىپ، گۇاڭدۇڭنى كېيىنكى 30 يىلدا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىن سىياسىي ئالاھىدە رايونغا ئۆزگەرتىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چاقىرىق يىغىندا كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. چاقىرىققا مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ ياڭغا سۇنغان.
نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر چاقىرىققا خۇجىنتاۋ گۇرۇھىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ، گۇاڭدۇڭدا گۇاڭدۇڭ تىلىنى قوغداش بىر ئاممىۋىي ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋاقىتتا، ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.