مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ خۇاجۇ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى گۇاڭدۇڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر يۇقىرىغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشىنى 3000 يۈەن خەلق پۇلى دەپ مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالىدىغان ئىش ھەققى ئادەتتە 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە بولغان.
دۆلەت شتاتىدا بولمىغان خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتايدا مال باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇاجۇ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى زادىلا ئۆسمىگەن.
يەرلىك دائىرىلەر بولسا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ قېتىملىق زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان.