خىتاي تور بېكەتلىرىدە ۋەقەدە ئۆلگەن ئافرىقىلىق ھەققىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان 2 خىل خەۋەر تارقالغان. بەزى خەۋەرلەردە بۇ ئافرىقىلىقنىڭ باغچىدىكى ئويۇنچۇق ماشىنىنىڭ خىتاي خوجايىنى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنسا، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ ساقچىخانىدا سوراق قىلىنىش جەريانىدا ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«جەنۇبىي جۇڭگو گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن گۇاڭجۇ كۇاڭچۈەن ئىستىراھەت باغچىسىغا كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئافرىقىلىق بىلەن ئويۇنچۇق ماشىنىنىڭ خوجايىنى ئوتتۇرىسىدا باھا تالىشىپ، جېدەل چىققان. ئۇلار شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 لەردە شۇ ئەتراپتىكى كۇاڭچۈەن ساقچىخانىسىغا سوراق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن. مەزكۇر ئافرىقىلىق ئەر چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە ساقچىخانىدا ھوشىدىن كېتىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
گۇاڭجۇدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان لى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزلىرىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئافرىقىلىقنىڭ يۇرتداشلىرى دەپ ئاتىغان يۈز نەچچە ئافرىقىلىق يولنى توسۇۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇ ئەتراپتىكى دۇكانلار بۇيرۇق بىلەن تىجارەتنى توختاتقان. نامايىش جەريانىدا غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار نامايىشىنى تىنچىتىش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلارغا بوتۇلكا قاتارلىقلارنى ئاتقان، نامايىش3 سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن.