گۇاڭجۇدىكى نامايىشتا 25 ئادەم قولغا ئېلىندى

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ساقچىلار بىلەن خەلق ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان بولۇپ، ئاز دېگەندە 25 ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

توقۇنۇش جەريانىدا ئۈچ ساقچى ماشىنىسى، بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە بىر قانچە خۇسۇسىي ماشىنىلار ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

10-ئىيۇن كۈنى، گۇاڭجۇنىڭ سېڭچېڭ شەھەرچىسىدىكى شىنتاڭ بازىرىدا سىچۇئەندىن كەلگەن ۋاڭ فامىلىلىك بىر ھامىلىدار ئايال ۋە ئۇنىڭ ئېرى بىر چوڭ سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا يايما يېيىپ سودا قىلىۋاتقاندا يەرلىك ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جېدەل چىققان.

«ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، تاياق زەربىسىدىن ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بالىسى ئۆلگەن ھەمدە بۇ جېدەلدە ساقچىلارنىڭ قالايمىقان ئادەم ئۇرۇپ يارىلىنىشى، ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ ئەتراپتىكى ئامما بۇ ئىشقا ئارىلاشقان. ئۇلار ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتقان بولۇپ، ئاقىۋەت توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

«ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ 5000 دىن ئارتۇق ساقچى ئاجراتقان. ھەتتا برونېۋىك ئەۋەتكەن. 12-ئىيۇن كۈنى سەھەردە توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچىيىپ، نارازىلىق بىلدۈرگۈچى ئامما 107-نومۇرلۇق دۆلەت چوڭ يولىنى قامال قىلىپ، بىر قانچە ئون ساقچى ماشىنىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

«ئۇلۇغ ئېرا» گېزىتى بۈگۈن گۇاڭجونىڭ سېڭچېڭ شەھەرچىسىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقەگە ئائىت نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۈرەتتىكى كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن بۇ قېتىملىق توقۇنۇشنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.