بەزى ئىشچىلار مۇخبىرلارغا «بىزگە بۇ يەردە ئادەمدەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، داۋاملىق 12 سائەتتىن ئارتۇق مەجبۇرى ئىشقا سېلىنغاننىڭ ئۈستىگە، ئىنتايىن تۆۋەن مائاش ئالىمىز» دېگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بۇ رايون قوراللىق ھەربىي قىسىملارنىڭ قامال قىلىشى ئاستىدا بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر رايوننى قامال قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان ئىكەن.
خىتايدىكى چوڭ سانائەت شەھەرلىرىدە ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئىشچىلىرىنىڭ ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسى خىتايدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ ئاينىڭ بېشىدا گۇاڭجۇنىڭ شىنتاڭ رايونىدىكى سىچۈەنلىك ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ 19 كىشى قولغا ئېلىنغان، ئوخشاش مەزگىلدە يەنە، گۇاڭدۇڭنىڭ چاۋجۇۋ شەھىرىدىمۇ نەچچە يۈزلىگەن ئىشچى نامايىش قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نامايىشلارنى تىنچىتىش ئۈچۈن قوراللىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.