ئەركىنلىككە ئېرىشكەن 4 نەپەر ئۇيغۇر، ئابدۇللا ئابدۇقادىر 30 ياش؛ خېلىل مامۇت 31 ياش؛ ئابلىكىم تۇراخۇن 38 ياش؛ سالاھىدىن ئابلەھەت 32 ياش ؛ ئۇلار بۈگۈن ئىككى نەپەر ئادۋوكات ۋە بىر تەرجىمان ھەم بىر تۈركۈم ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرمۇدانىڭ ھامىلتون شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
بېرمۇدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكىياندىكى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى بىر تاقىم ئارال. بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىن 1770 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا؛ بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى جەمئىي 138 ئارالدىن تەشكىللەنگەن، يۈز ئۆلچىمى 53 كۋادىرات كىلومېتىر، نوپۇسى 61مىڭ. بېرمۇدانىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى ساياھەت ئىشلىرى بولۇپ، 2005 -يىلى يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئوتكەن.
0:00 / 0:00