ئاۋسترالىيە گۇەنتانامودىكى 17 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

بىېرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن، ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەكلىپنى --- ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى 17 ئۇيغۇر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۈچىنجى قېتىملىق تەكلىپىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەمما ئاۋسترالىيىدىكى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مالكولم تۇرنبۇل 'ئامېرىكا ئۆزى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان تېررورچى گۇماندارىنى ئاۋسترالىيىمۇ قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك' دەپ قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.

سېدنېيدا چىقىدىغان 'سەھەرلىك خەۋەر' گېزىىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودىكى 17 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلشتا، ئامېرىكىنىڭ سابىق بۇش ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى قېتىملىق تەكلىپ ۋە ئوبا ھۆكۈمىتى گۇەنتنامودىن تاقاشنى جاكارلىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەكلىپ بۇيىچە، ئۇلارنىڭ دېلولىرىنى بىرىدىن - بىر كۆزدىن كۆچۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشنى ئويلىشىدۇ.