ئۇ مۇنداق دېگەن ": ئەمدى مەن دۇنيانىڭ مېنى ۋە مېنىڭ دوستلىرىمنى خەتەرلىك كىشىلەر، دەپ قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن."
ئادىل ھېكىمجان بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشقا ئاز قالغان مەزگىلدە ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلغان شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خامچوت كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
گېيتىس دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىقىدا مۇنداق دېگەن: " مەن كىشلەرنىڭ بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىمىزنى مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلمەسلىكى مۇمكىن .... ئەگەر بىز بىرمۇ مەھبۇسنى قوبۇل قىلمىساق، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى بىز تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ، دەپ بېكىتكەن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلىشى ناھايىتى تەسكە چۈشىدۇ."
شۋېتسىيىنىڭ دالارنا رايونىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، ئادىلغا بېرىلگەن پاناھلىق ھوقۇقىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئادىل ھېكىمجان سوتنىڭ قارارىنى ئالقىشلاپ، ئەمدى"مەن يېڭى ھايات باشلايدىغان بولدۇم" دېگەن.