گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گۇئەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېتەكچى ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللېت ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى، كېيىنكى قەدەمدە ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرزى قىلىش يولى قالغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇيغۇرلارنى تېز ئارىدا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئامېرىكىغا قايتىش سەپىرىدە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، "بىز زەربىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، لېكىن يىقىلمىدۇق"، دەپ تەكىتلىگەن سېيبىن ۋىللېت، "بىز كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز،" دېگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ يەردە ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارارىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بىر مېخانىزم بار. ئالى سوت 2 ‏ - قەدەمدىكى تاللاش يولى". ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى چارشەنبە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، تۆۋەن سوتنىڭ 2008 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا چىقارغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. سېيبىن ۋىللېت كېيىنكى قەدەمدىكى ئەرزنى قانداق يوللاشنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارارى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردا " چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىك ۋە بۇرۇختۇملۇق" ياراتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سوتنىڭ بۇ مەسىلىنى سوت مەھكىمىسى ھەل قىلالمايدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن سېيبىن ۋىللېت، ئوباما "بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ. ئۇ بۇنى ھەل قىلىشى كېرەك، ئۇ بۇنى ئەتە ئەتىگەنگە قەدەر ھەل قىلىشى لازىم،" دېگەن.