گۇئەنتانامو مەھبۇسلىرى ئەمدى ئامېرىكىدا سوراق قىلىنىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇئەنتنامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلار ھازىر، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 'كۆپ قىسمىنى باشقا دۆلەتلەرگە قويۇپ بېرىش، سوراق قىلىشقا ياكى قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغان ئىنتايىن خەتەرلىكلىرىنى تۈرمىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش' دېگەن بۇيرۇقى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ.

ھازىر گۇئەنتانامودا يەنە 215 مەھبۇس بار، بۇنىڭ 7 سى ئۇيغۇر. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر ئامېرىكا زېمىنىدا سوراق قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئامېرىكا باش تەپتىشى ئېرك خولدېر بۈگۈن 'گۇئەنتانامودىكى خالىد شەيخ مۇھەممەت قاتارلىقلار ھازىر نيۇيوركتا سوراق قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز ئۇرۇش ئىچىدە تۇرغان ئەھۋالدا، تېررورچىلار بىز ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئەمەس، بىز چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرىي، ھەربىي، قانۇن، دىپلوماتىيە، ئاخبارات قاتارلىق ھەممە ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بۇ ئۇرۇشتا ھامان غەلىبە قازىنىمىز' دەپ جاكارلىدى.