فرانسىيە ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گۈەنتانامونى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلار بۇ جايدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىدا، گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنى قويۇپ بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان تۇرۇپ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇلار مۇخبىرلارغا " ئادالەت دېگەن قېنى؟"، "بىزگە ئەركىنلىك كېرەك"، "بىز ئىلگىرى خىتايدا ئېزىلگەن، بىز ئامېرىكىدا ئىككىنچى قېتىم ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتىمىز،" دېگەن ھەمدە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى تېزدىن ئەركىنلىككە چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئىپادىلىشىچە، گەرچە بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر، گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىكى ئېغىر جازالىدىغان جىنايەتچىلەردىن ئايرىلىپ،ئىگۋانا لاگېرى دەپ ئاتالغان ئۈستى ئوچۇق، بىر قەدەر ئەركىن تۈرمىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا مەھبۇس قاتارىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا شۇنداقلا يەتتە يىلدىن بېرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي جەھەتتىن تارتقان ئازابلىرىنى تەسۋىرلەش تەس بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ باشقا مەھبۇسلارغا قارىغاندا روھىي ھالىتى ئىنتايىن تۇراقلىق ئىكەن.
بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرجىمانلىقىغا قاتناشقان بىر نەپەر تەرجىماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېگۋاناغا چىققاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئەمگەك قىلىپ كۆكتات ھەم قوغۇن تېرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چۈنىكىدە ئىككى تال چىلگە چۈشكەن ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 7 يىلدىن بۇيان مەھبۇسلۇق ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۆز قولى بىلەن ئەمگەك قىلىپ مېۋىسىنى كۆرۈشى ھېسابلىنىدۇ.