'ئاقساراي بىلەن دۆلەت مەجلىسى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى توغرا بىرتەرەپ قىلىدۇ'

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى بۈگۈن 'ئاقساراي بىلەن دۆلەت مەجلىسى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلانى توغرا بىرتەرەپ قىلىدۇ' سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ئاقساراي بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەڭ ئالىي سوتىنىڭ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن چىقارغان قارارلىرىنى ئوقۇشتىن ئۆزگە يول يوق. بۈگۈن ئۇلار بۇ ئىشنى بىجىرىشكە باشلىدى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئامېرىكىغا قانۇنسىز كەلمىگەن، بەلكى ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن 2001 ‏ - يىلى ئافغانىستان ۋە پاكىستانلاردىن تۇتۇپ ئېلىپ كېلىنگەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئالتە يىل بۇرۇن، جورجى بۇش ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 'دۈشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس' دەپ جاكارلىغان ئىدى.

فېدىرال سوتچىسىمۇ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە، ئۇلارنى قويۇپ بىرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. ئەمما ھازىرغا قەدەر 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ يا ئۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى، يا ئۇلارنى دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىگە ماكانلاشتۇرالمغانلىقى ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ.