گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ بىرى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تۇپرىقىغا ئېلىپ كېلىندى

9 ‏- ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى، گۈەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئاخمەد قالفان غەيلانى، ئالاھىدە ھەربىي چارىلەر بىلەن گۈەنتانامودىن نيۇيوركتىكى فېدېرال سوتىغا ئېلىپ كېلىندى.

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان تۇتقانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تۇپرىقىغا يۆتكىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ سەيشەنبىدىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نيۇيوركتىكى ئامېرىكا فېدېرال سوتىدا بۈگۈن ئاخماد قالفان غەيلانى 1998 - يىلىدىكى تانزانىيە ۋە كېنىيىدىكى ئىككى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى شۇنداقلا بۇ ۋەقەدە 12 ئامېرىكا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 224 بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، غەيلانى 1998 - يىلىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئامېرىكا كونسولىنى پارتلىتىشقا ئوخشاش تېررورلوق ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغاندىن كېيىن ئافرىقىدىن ئايرىلىپ، ئەلقائىدە رەھبىرى ئوساما بىنلادىنغا قوغدىغۇچى بولغان. ئۇ، 2004 - يىلى پاكىستاندا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن تېررور گۇماندارى قاتارىدا ئالاھىدە چىڭ تەدبىرلەر ئېلىنغان گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان.

گەرچە غەيلانى ئەلقائىدە ۋە بىن لادىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تېررورلوق ھۇجۇملارغا قاتنىشىپ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى يەنە مىڭلارچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، غەيلانى ھازىرغا قەدەر جىنايىتىگە ئىقرار بولمىغان. غەيلانىنىڭ سوتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىن.

شۇ قېتىملىق ئامېرىكا كونسۇلخانىلىرىنىڭ پارتلىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە باشقا تۆت كىشى نيۇيورك فېدېرال سوتىدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا 7 ئاي قالدى، ئوباما ھۆكۈمىتى تۈرمە تاقالغاندىن كېيىن گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بەزىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئېغىر جىنايەتلەر بىلەن قامالغان بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. غەيلانىنىڭ بۈگۈن گۈەنتانامودىن تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىغا دەسسىشى،گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكا تۇپرىقىغا ئېلىپ كېلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم بولۇشى مۇمكىن.