نامايىشچىلار، ئۈستىگە گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنىڭ كېمىلىرىنى كىيىشىپ، ئاقساراي ئالدىغا يىغلىدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا "گۈەنتانامو تۈرمىسىنىڭ تاقىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز" دېگەنگە ئوخشاش پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىدى. نامايىشچىلار پىيادە يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، ئاقسار ئالدىغا يىغىلىپ بايانات ئېلان قىلدى.
نامايىشتىن كېيىن، نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىغا يۆتكەلدى. سائەت بىرلەر ئەتراپىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىلگىرى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن فرانسىيىلىك تۇتقۇن لاكھدار بوۇمەدىەنە ۋە ئەنگىلىيىلىك ئۆمەر دەغايەس قاتارلىقلار تېلېفون ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا يەنە، 2009 - يىلى 20 - دېكابىر قويۇپ بېرىلگەن سومالىلىق تۇتقۇن مۇھەممەد سۇلايمان بارېنىڭ باياناتى ئوقۇپ ئۇتۇلدى. ئۇنىڭ باياناتىدا، "چاپسان بولۇڭلار ۋە ئامېرىكىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ تۈرمىنى تاقاڭلار. بۇنى تىز پۈتتۈرۈڭلار، ئىشتىك بولۇڭلار" دېگەن خىتابلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گۈەنتانامو تۈرمىسى ئامېرىكا 2001 - يىلى باشلىغان تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تۈرمىگە 22 نەپەر ئۇيغۇرمۇ قامالغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇلارنىڭ 15 نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنە 7 نەپەر ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلىشنى كۈتۈپ ياتماقتا.