ئابابەكرى قاسىم فرانسىيە مۇخبىرىغا، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى «دۆشمەن جەڭچىلىرى ئەمەس» دەپ قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇلار يەنىلا «تېررور گۇماندارى» دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتىپ، كۆرۈشمىگىلى 12 يىل بولغان، ئىلگىرىكى ئايالى ھەم 3 بالىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما ئۇ يەنە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئايالى ھەم بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئالبانىيىنىڭ تىرانا شەھىرىدىكى پىزاخانىدا ئىشلەپ تاپقان پۇلى ئارقىلىق، ئالبانىيىدىكى ئائىلىسىنىڭ چىقىمىدىن ئېشىنىپ، ۋەتەندىكى بالىلىرىغا ئاز تولا پۇل ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابابەكرى قاسىم يەنە ئۆز ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولغىنىدا، ۋەتەنگە قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىش قارار قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە 17 نەپىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ، شۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن. يەنە 5 نەپىرى ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان مۇۋاپىق دۆلەت ۋە رايونلارنى كۈتمەكتە ئىكەن.