ئامېرىكا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن 8 كىشىنىڭ پات يېقىندا پالاۋغا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 6 كىشى، كۆپ بولغاندا 8 كىشىنىڭ پات ئارىدا تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش تەپتىش ئەمەلدارى ئېلېنا كاگاننىڭ ئامېرىكا ئالىي سودا مەھكىمىسىگە يوللىغان ۋە پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغان بىر پارچە خېتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ 1 ‏ - ئۆكتەبىردىن پالاۋغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقى بىلدۈرگەن. ئېلېنا كاگان خېتىدە يەنە، پالاۋ دائىرىلىرىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كىشىدىن باشقا قالغان ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئالىي سودا مەھكىمىسى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىۋېتىشكە ئالدىراۋاتقان ئىدى.

ئېلېنا كاگان، 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا بېرىشكە رەسمىي قوشۇلغانلىقى، يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا بېرىشكە قوشۇلۇشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلېنا كاگان مۇنداق دېگەن": ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەتچىلەردىن ئاز دېگەندە 6 كىشىنىڭ پات يېقىندا پالاۋدا ئولتۇراقلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە سەۋەبى بار.

شۇنداقتىمۇ بۇنى، ئۇلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىمىغىچە مۇقەررەرلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ". ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋىللەت بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىپ، پالاۋ دائىرىلىرىنىڭ 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، ئەركىن ماخمۇد ئىسىملىك بۇ مۇساپىرغا "باش پاناھ بولىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.