بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پالاۋنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھېرسېي كيوتا ئەپەندى ئۆز دۆلىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى ئەمەسلىكىنى، پەقەت ئەنسىز يىللاردا نامۇۋاپىق جايدا تۇرۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىنلا بۇ خىل دىشۋارچىلىقلارنى تارتقانلىقىنى، شۇڭا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بۇ ئۇيغۇرلارغا باشپاناھ بولۇشنى توغرا تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە بۇنداق قىلىشنىڭ ئامېرىكا - پالاۋ مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىوڭمۇ گۈەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى " ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى" سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پالاۋ 1994 - يىلى مۇستەقىل بولغان ئارال دۆلىتى بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۈستىگە ئالغان.
پالاۋ خىتاينىڭ مۇستەقىللىقنى ئېتىراپ قىلماي، تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.