گۈئەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋۇكاتلىرى ئوباماغا خەت يېزىپ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە يەنە چاقىردى

گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئادۋوكاتلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا خەت يېزىپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىردى.

ئوباماغا يېزىلغان خەتتە، لاگېردىكى 20 كىشىنىڭ فېدېرال سوت مەھكىمىسىدىكى داۋادا ئۇتۇپ چىققانلىقىغا قارىماي ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ ناچار تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، "بۇ كىشىلەرنى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇش بىزنى بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرمەيدۇ شۇنداقلا بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر شەرمەندىچىلىكتۇر" دېگەن.

ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى يېقىندا تۆۋەن سوتنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا قويۇپ بېرىش قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە پەقەت پرېزىدېنتنىڭ كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئادۋوكاتلار ئامېرىكا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان 20 نەپەر تۇتقۇننىڭ 17 نەپىرى ئۇيغۇر. بۇش ھۆكۈمىتى 2003 ‏ - يىلى گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمىنى "خاتا جاي ۋە خاتا ۋاقىتتا" تۇرۇپ قالغان كىشىلەر، دەپ ئاقلىغان ئىدى.

پرېزىدېنت ئوباما بۇ يىل 20 ‏ - يانۋاردىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا "بىزنىڭ ئادالىتىمىز بىخەتەرلىكىمىزنىڭ تەمىناتى" دېگەن. ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىخەتەر جاي ئىزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى "پاكىز بولۇشى" نى تەلەپ قىلماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا كېلەر ئاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، گۇئەنتانامودىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.