ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرى Eric Holder تۈنۈگۈن گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.03.19

Eric Holder ئەپەندى ئامېرىكا ئادالەت مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىككى كاتىگورىيىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىرىنىڭ ئامېرىكا سوتىدا سوتلىنىدىغانلار يەنە بىرىنىڭ بولسا قويۇۋېتىلىدىغانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. " ئىككىنچى كاتىگورىيىدىكىلەر يەنى قويۇۋېتىلىدىغانلار ئۈچۈن بىرقانچە ئېھتىماللىق بار" - دەيدۇ، ئېرىك خولدېر -، "بۇ ئېھتىماللىقلاردىن بىرى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش."

ئېرىك ھولدەر يەنە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە يەنە 2 ياكى 3 نەپەر باشقا مەھبۇسنىڭمۇ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت باراك ئوباما ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى ئىشى سۈپىتىدە گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان، ۋە تۈرمىنى بىر يىل ئىچىدە تاقاپ بولۇش ۋەزىپىسىنى ئادالەت مىنىستىرى ئېرىك خولدەرگە تاپشۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىش ئېھتىماللىقنى بايان قىلىشى، گۇئانتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئىجابىي يۈزلىنىش بولۇش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكىدا قېپ - قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

يەنە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام توختى، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى فرانسىيە زىيارىتىدە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ چەتئەلدە قېلىشى كېرەكلىكىنى، دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.