سوتتا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادۋوكاتى شارۇن سۋېنگىل ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئاقلاپ، سوتچىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزنى ئىلگىرىلەپ كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلىشنى، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى 3 - دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ۋېللىت، گۈەنتانامودىكىلەرنىڭ تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سوتتىن بۇ جەھەتتىكى پىكرىنى نەزەرگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. سەيبىن ۋىللېت يەنە، ئۇيغۇرلارنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە "مەدەنىيەت ئورتاقلىقى"نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مۇھىم ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا خىزمەت بېرىلگەنلىكى، لېكىن پالاۋنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بەرگەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
نۆۋەتتە گۈەنتانامودىكى 22 نەپەر ئۇيغۇردىن 17 كىشى ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى. پالاۋ گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان 5 نەپەر ئۇيغۇرغا پاناھلىق بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پالاۋغا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئامېرىكا فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى. پەيشەنبە كۈنكى سوت ئۇلارنىڭ بۇ ئەرزىگە ئاساسەن ئېچىلدى.