گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى ھۆكۈمدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى مۇھىم رول ئوينىدى

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا فېدېرال سوتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى قارارىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى مۇھىم رول ئوينىغان.

ئادۋوكاتلاردىن بىرىنىڭ ۋاشىنگىتون پوچتىسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرغا تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە ھايات يولى كۆرسىتىش جەھەتتە ئىگە چىقىشى سودىيەنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمنى چىقىرىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكىغا يەرلەشكەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىنكاسىنى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 73 ئائىلە گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارغا ساھىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئىلتىماس سۇنغان.

تۈنۈگۈنكى سوتقىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار مىللىي كىيىملىرى بىلەن كېلىپ قاتنىشىپ، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھۆرمەت ۋە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوتقا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىدىكى مىللىي كەيپىيات سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن.

گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ئىدى.