بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،
[ پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ ئايرودرومغا چىقىپOpens in new window ]
، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋالغان شۇنىڭدەك ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ مۇخبىرغا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ھەمدە ئۆزىنى قېرىنداش دەپ ئاتىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى،" سۆزلەپ بەرگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رادىئومىز مۇخبىرى مەزكۇر ئالتە ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا يولغا سېلىنغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلار كېلىشتىن ئىلگىرى پالاۋ ھۆكۈمىتى ساقچىلارنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايى مەسچىتكىمۇ ناھايىتى يېقىن ئىكەن.
پالاۋ پرېزىدېنتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، تۇرالغۇ جاي، مائارىپ تەربىيىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پالاۋ دۆلىتىنىڭ نوپۇسى 20 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن.
پالاۋ ئارال دۆلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق، ئەكسىچە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى، "ئامېرىكا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقىم ئولتۇراقلىشىدىغان جاي تاپقۇچە ئۇلارنىڭ پالاۋدا تۇرۇپ تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.