سابىق گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى يەنە 2 نەپەر قېرىندىشىنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن

بېرمۇدىغا يەرلەشتۈرۈلگەن سابىق گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى، يەنە ئىككى نەپەر قېرىندىشىنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېرمۇدا يەكشەنبىلىك خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، گۇەنتانامودىن بېرمۇدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى خېلىل مامۇت "بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوش بولدۇم دېگەن".

ئۇ يەنە ئۆزى قويۇپ بېرىلگەندە يەنە بىر قىسىم بۇرادەرلىرى تۈرمىدە قالغانلىقى ئۈچۈن دېگەندەك خوش بولۇپ كېتەلمىگەنلىكى شۇڭا يەنە قالغان بەش بۇرادەرلىرىنىڭمۇ پات ئارىدا قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۋېتسارىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ، گۇەنتانامودىكى ئاكا - ئۇكا مەھبۇس -- بەختىيار ۋە ئەركىن مەھمۇتلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەر بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش يولدا نەچچە يىل ئىزدەنگەن ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى رازى قىلغان ئىدى.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى بولغان سەيبىن ۋىللەت شۋېتسارىيىنىڭ قارارىدىن ھاياجان ۋە خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سەيبىن ۋىللەت ئەپەندى يەنە، گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى يەرلەشتۈرۈشتە بېرمۇدا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈلگە تىكلىگەنلىكى، بېرمۇدىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بېرمۇدا جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.

گۇەنتانامودا ئەسلى 22 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتكەن ۋە بۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈش ئۇچۇن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى

نۆۋەتتە بۇلارنىڭ 15 نەپىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيە، بېرمۇدا ۋە پالاۋ قاتارلىق ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە يەنە 2 ئۇيغۇر شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلمەكچى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئادۋوكات ئېلىزابىت گىلسون خانىم: "بۇ كىشىلەر ئاز كەم 8 يىلدىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ گۇەنتاناموغا مەنسۇپ ئەمەسلىكى ئاڭلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىر دىن بىر ئارزۇسى دېموكراتىك دۆلەتلەردە تىنچ - ئامان ھايات كەچۈرۈشتىن ئىبرەت دېگەن."