"تايمىز" گېزىتىنىڭ يېڭى يىل كۈنى تارقىتىلغان سانىدىكى بىر خەۋەردە، ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ ئەنگلىيە بۇرۇن پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللايدۇ، دېگەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپكە ئېلىنغانلىقىنى، ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ "ھەر بىر دېلونى بىرمۇ - بىر كۆرۈپ چىقىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىكى دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن جىددىي سۆزلىشىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ مەسىلىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، بۇنىڭ" ئوباما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ياخشى بىر باشلىنىش بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى"نى، ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ كۆچمەنلىك شتاتى، تۇرالغۇ جايى ۋە تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىش كېرەك بولۇپلا قالماي، بۇ مەسىلە يەنە " كابېنىتنىڭ قارار چىقىرىشى تەلەپ قىلىنىدىغان مەسىلە" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدىكى يۇقىرىقى ئەمەلدار يەنە ئەنگلىيىنىڭ پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادونىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ياۋروپا ئەللىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرۈش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامادو بۇ مەسىلىنى مۇشۇ ئاي ئىچىدە چاقىرىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. بۇ مەسىلە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمى ئىشلار ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ يىغىن كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، گۇئانتانامو لاگېرىنى تاقاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە مەزكۇر لاگېردىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى.