ئامېرىكا ئالىي سوتى: گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتكە ئەۋەتىلمەيدۇ

ئامېرىكا ئالىي سوتى دۈشەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ: "گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا 3 - دۆلەتنى 30 كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىش ھاجەتسىز" دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاشىنگتون فېدېرال سوتى ئامېرىكا ئالىي سوتىدىن گۈەنتانامودا قالغان ئۇيغۇرلار ئەۋەتىلمەكچى بولغان 3 - دۆلەتنى 30 كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئەگەر ئۇلار ئەۋەتىلمەكچى بولغان دۆلەتلەردە قېيىن - قىستاققا ئېلىنىش ئېھتىمالى بولغان تەقدىردە، بۇنىڭغا ئالدىن ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.

ئەمما ئامېرىكا ئالىي سوتى دۈشەنبە كۈنى چىقارغان قارارىدا، ۋاشىنگتون فېدېرال ئوتتۇرا سوتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئاللىقاچان بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق بىر ئېھتىماللىق مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن 30 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە فېدېرال سوت سوتچىسىنىڭ بۇ سەۋەب بىلەن قارارغا چەكلىمە قويالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۈەنتانامودا قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىككى نەپىرىنى شۋېتسارىيە، قالغانلىرىنى پالاۋ ۋە تېخى ئىسمى ئاشكارىلانمىغان 3 - بىر دۆلەت قوبۇل قىلماقچى بولغان.