ئامېرىكا گۇەنتانامودىكى يەمەنلىكلەرنى قايتۇرۇشنى توختاتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما كابىنت يىغىنىدا، 'گۇەنتانامودىن يەمەنگە قايتۇرۇلغان بىر نەچچە كىشى ھازىر ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەلقائىدىچىلەرنىڭ تەركىبىدە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا گۇەنتانامودىن ئادەم يەتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ. بۇ، گۇەنتانامونى تاقاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز،' دەپ جاكارلىغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، نېگىرىيىلىك ئابدۇلمۇتاللاپ ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئامېرىكىدا كرىستمس بايرىمىدا ئايروپىلان پارتلىتىش ۋەقەسىنى، دەل گۇەنتانامودىن قايتۇرۇلغان ئىككى يەمەنلىك پىلانلىغان.

ھازىر گۇنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 200 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يەمەنلىك.