ئامېرىكا ھېلىمۇ گۇەنتانامودا قالغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا پاناھلىنىدىغان ئورۇن ئىزدەۋاتىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكا فېدېرال ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلار سۇنغان ئەرزلەرنى قايتۇرۇۋەتتى.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزىنى ئۇرۇشقا قاتناشمىغان، پەقەت تالىبانلارغا ئاشپەز بولغان دەپ ئاقلىغان يەمەنلىك غالىب ناسىر ئەل بىخانى، ئۆزىنى تېررورچى كۈچلەرنىڭ ئەزاسى ئەمەس، پەقەت ئىسلام ئوقۇتقۇچىسى بولغان دەپ ئاقلىغان كۇۋەيتلىك فاۋزى ئەل ئودا، ئۆزىنى ئەل-ئائىدىچىلەرنىڭ ئەزاسى ئەمەس، پەقەت ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا ئوڭ پۇتى يارىلانغان كىشى دەپ ئاقلىغان يەمەنلىك ئادام مۇھەممەد ئەل ئاۋاد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەرزى بار.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەمما سوتچى بۈگۈن، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئازاد قىلغانلىقىنى جاكارلاپ بولغان، بىراق تېخىچە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئۆزلىرى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەرزىنى، باشقىلارنىڭ ئەرزى بىلەن بىر قاتارغا قويماي ئايرىم بىر تەرەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاي گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل ھالدا خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن پالاۋ، بېرمۇدا، شۋېتسارىيە، ئالبانىيىلەردىن ئورۇن تېپىپ ئورۇنلاشتۇرغانغا ئوخشاش، ھېلىمۇ تېخىچە گۇەنتانامودا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەۋاتىدۇ.