گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكلىرىنى ھازىرچە ئاشكارىلىمىدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر سالۋادور ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سالۋادور بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سالۋادور ئوتتۇرا ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان دۆلەت. ئۇ، غەربتە گۇاتېمالا، شىمال ۋە شەرقتە ھوندۇراس ۋە جەنۇبتا تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىدۇ. ئۇ رايوندىكى سانائىتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت.

بۈگۈنكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشتىن كېيىن، گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۈچكە چۈشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئالبانىيە، بېرمۇدا، پالاۋ ۋە شۋېتسارىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.