كلىنتون خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ google ۋە ئىنتېرنېت ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق سۆزلىشىشكە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھېلارىي كلىنتون يەنە "مەن ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە زەربىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە دەپ قارايمەن "دېگەن. كلىنتون خانىم يېقىندا ئامېرىكا نيۇزىيۇم ئاخبارات مۇزىيىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ۋە google نىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى سۇزان ستىۋېنسون ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئالدىغا قويغانلىقىنى شۇنداقلا بېيجىڭ ۋە ۋاشىنگتوندا تور ئەركىنلىكى، تورنى كونترول قىلىش، خاككېرلارنىڭ ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي تەرەپ بىلەن دېيىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى يەنە، "سۆز ئەركىنلىكى ئامېرىكىنىڭ نىگىزلىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ بىرى، تور ئەركىنلىكى بولسا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بىر قىسىمىدۇر" دېگەن.