ئامېرىكا سودا مىنىستىرى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، ئوچۇق - ئاشكارە ۋە قانۇنغا ئاساسەن ئىش قىلغاندىلا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خاتىرجەم قىلالايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئەنگلىيىدە ئېچىلىۋاتقان ئافغانىستان يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم يىغىن جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، گوگۇل مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
پەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپ بايانات بېرىپ: "گەرچە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىندىن بېرى گوگۇل مەسىلىسى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار سۈركىلىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى داۋام قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،" دېگەن.