گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا بىر خىتاي ساقچى ئۆلتۈرۈلدى

چارشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن كەچ سائەت 9:00 گۇما ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 7 كىشى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

بىراق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىدىن بىر ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يەنە بىر ساقچى يارىلانغان. تەڭرى تاغ تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئىككى كىشىنىڭ بىر گۇرۇپپا كىشى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى، گۆرۈگە ئېلىنغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 7 كىشىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يەنە 4 كىشىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، مىللىتى، گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ كىملىكى ھەم گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىشتىكى مەقسىتىگە دائىر ھېچقانداق يىپ ئۇچى بېرىلمىگەن. خەۋەردە پەقەت گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ بىر ئوچۇم «تېررورلۇق گۇرۇھى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى نورمالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل تېررورلۇققا باغلاپ كەلگەن ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان ۋە تىرىك قولغا چۈشكەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭلۇقىنى بىلدۈردى. ۋەقەنىڭ گۇمادىكى بىر تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرنى دىققىتىنى قوزغىغان.