باياناتتا، 28-دېكابىر كۈنى خوتەن مۇكۇيلا يېزىسىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تېررورچى دېگەن باھانىدە ئېتىۋېتىلگەنلەر ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بىر-بىرىگە زىت ھالدىكى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر بېرىلگەنلىكى، ئەمما، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا بۇ كىشىلەرنىڭ چېگرادىن قاچماقچى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەنلىكى، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە 2 نەپەر ئايالنىڭ بارلىقى، يارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 7 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پۇقرالارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈش قىلمىشى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.
باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە، خەلقئاراغا دۇنيا جامائەتچىلىكى قايىل بولغۇدەك بىر جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
28-دېكابىر گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ۋەقە خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدە ئاياللارنى ئۆلتۈرۈپ، بالىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى خىتاي دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئەيىبلىگەن بولسا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەقەدە زىيادە كۈچ قوللانغانلىقى تەنقىدلەنمەكتە.