ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە 11 ئادەم تاماقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە 19-ئاۋغۇست كۈنى تاماقتىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈزبېرىپ، ئاز دېگەندە 150 ئادەم زەھەرلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئادەم ئۆلگەن.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەھەرلىنىش سەۋەبلىرى ھازىر تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەنى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش دەپ ئاتىغان. بىراق قانداق يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 19-ئاۋغۇست كۈنى ئاخشىمى زەھەرلەنگەن مەزكۇر كىشىلەردە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان كۆنچى ئىسىملىك ئاپتورنىڭ خەۋىرىدە، گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ يېزىسىدا يۈزبەرگەن بۇ زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ شۇ جايدىكى بىر دۇكاندىن سېتىۋېلىنغان لەڭپۇڭنى يېيىشتىن كېلىپ چىققانلىقى، 20-ئاۋغۇستتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 16 نەپەرگە يەتكەنلىكى، زەھەرلەنگەنلەرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە گۇمان ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.