ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى 16 - ئىيون كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا قارىتا گۇۋاھلىق بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.06.16

بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر قارمىقىدىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى كۆزىتىش بويىچە تارماق كومىتېتى رەئىسى بېل دېلىخانت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئاساسلىقى گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلار، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتلارنى تېررورچى دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئالدى.

يىغىندا يەنە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 - يىلى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامونى زىيارەت قىلىپ، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلغانلىقىغا يول قويغانلىقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.