يېڭى ئەھدىنامىدە «ھالال» ماركىسى چاپلانغان تاۋارلارنى سېتىش چەكلەنگەن

بۇ يىللىق رامزان كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاتالمىش «ئەھدىنامە» شەكىلدىكى ھەر تۈرلۈك چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 1-ئاۋغۇست «بوشۈن» تورىدا ئېلان قىلغان «ئونسۇ ناھىيىسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ 10 نى قىلماسلىق ئەھدىنامىسى» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.08.01

مەزكۇر «ئەھدىنامە» ئەسلى «ئۇىغۇربىز» تورىدا ئاشكارىلانغان، كېيىن «بوشۈن» تورىدا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ئەھدىنامىدە دىنىي ۋە مىللىي پاسوندا كىيىنىش چەكلەنگەندىن باشقا، شۇ خىل پاسوندا كىيىنگەن ئادەملەرنى سودا-مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئېلىش، دىنىي پۇرىقى كۈچلۈك تەشۋىقات رەسىملىرىنى ئېسىش، سودا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ناماز ئوقۇش قاتارلىقلارمۇ چەكلەنگەن.

ئەھدىنامىدە يەنە سودا ئورۇنلىرىنىڭ «ھالال» ياكى «مۇسۇلمانچە» قاتارلىق ماركىلار چاپلانغان تاۋارلارنى سېتىشى چەكلەنگەندىن باشقا، روزا-رامزان مەزگىلىدە رېمونت قىلىش ۋە ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلارنى سەۋەب كۆرسىتىپ سودا توختىتىشى، ئاشخانىلاردا ھاراق ساتماسلىقى چەكلەنگەن.

بۇ خىلدىكى چەكلەش خاراكتېرلىك ئەھدىنامىنىڭ تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالىلەرگە قارىتىلغان نۇسخىسى ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىزدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.