غۇلجىدا تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيگەنلەر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۇچرىدى

خىتايچە چىقىدىغان تىنچ ئىلى تور بېكىتىنىڭ 9-ئاۋغۇست كۈندىكى رەسىملىك خەۋىرىدە، تۈركىيە دۆلەت بايرىقى رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كوچىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان رەسىمى بېرىلىپ، بۇ خەۋەرنى كۆرگۈچىلەرنى تۈركىيە بايرىقى بار مايكا كىيگەنلەرگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە بۇ ئىككى ياش تەكشۈرۈش جەريانىدا ساقچىلارغا، بۇ مايكىلارنى يايمىچىلاردىن سېتىۋالغانلىقىنى بايان قىلىپ، باشقا غەرىزى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار بۇ ئىككى ياشنى كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. خەۋەردە، كىشىلەرنى تۈركىيە بايرىقى بار مايكا كىيگەنلەرنىڭ سۆز ‏-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ رەسىم تور بېكىتىگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان تورداشلار رەسىمگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرگەن. خىتايلار ئىنكاسلىرىدا ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە سۆيگۈسىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئۇيغۇرلار تۈركىيە دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكىنى كىيگەنلىكى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈشكە ئۇچرىغان ئەھۋال، نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، كىيىنىشىگە قارىتىلغان چەكلىمە بېسىمىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەنسىرەش كەيپىياتىدا ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.