خىتايدىكى كۆپلىگەن شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمىگە توشمايدىكەن

خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خىتايدىكى ئۇچتىن ئىككى قىسىم شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى يېڭى بەلگىلىگەن ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېڭى بەلگىلىگەن بۇ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچىمى 2016 - يىلى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: بىر كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئېغىر رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىمىز، دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ئۆلچەم بويىچە بۇ يىلدىن باشلاپ بېيجىڭ، تيەنجىن،شاڭخەي ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى كۆزىتىشنى باشلايدىكەن. باشقا شەھەرلەرنى كۆزىتىش 2015 - يىلىغىچە باشلانمايدىكەن.

خىتايدا سۇ، تۇپراق ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى خىتايدا ئېغىر ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتايدىكى بۇ خىل بۇلغىنىشتىن باشقا يەنە خىتايدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان شەخسىي ئاپتوموبىللار ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىڭ كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى خىتايدا كۆپىنچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ ھاۋاسىدا ئېغىر بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىلگىرى ئۈرۈمچىمۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ بولغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئىدى.