خىتايدا ئىشلەنگەن ھاۋا ياستۇقى ئامېرىكىدا مەسىلە تۇغدۇردى

ئۆتكەن 3 يىل جەريانىدا ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىك ھاۋا ياستۇقىنى (ھاۋا خالتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالماشتۇرغان ئامېرىكىلىق خېرىدارلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا مەھسۇلات ئىشلىتىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئوباما ھۆكۈمىتى 10-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتە بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىل مابەينىدە ئامېرىكىدا ئالماشتۇرۇلغان بىر قىسىم ھاۋا ياستۇقلىرىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسى كۆرۈنگەن. ماشىنا ھادىسىگە يولۇققاندا بۇ خىلدىكى ھاۋا ياستۇقلىرى ياكى ئېچىلمىغان ياكى چالا ئېچىلغان.

ھەتتا بەزى ھاللاردا ھاۋا ياستۇقى ئېچىلسىمۇ، يالتىراق ۋە باشقا قېتىشما ماتېرىيال پارچىلىرى ياستۇققا قوشۇلۇپ ئېتىلىپ چىققان.

ئامېرىكا تاشيول ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەسىلىنى تەكشۈرگۈچىلەر «بۇ خىل ھاۋا ياستۇقلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى خىتايدا ئېشىلگەن» دەپ قارايدىكەن.

بۇ خىل ساختا ھاۋا ياستۇقلىرى خېرىدارلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت تۇغدۇرغان.