ھايتىدا سەككىز كۈندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ساقىندى يەر تەۋرەش يۈز بەردى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ پورت ئاۋ پرېنسىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھايتى 12‏ - يانۋار كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاساسەن خارابىلىققا ئايلانغان ئىدى. سەككىز كۈندىن كېيىن، بۈگۈن يەنە 6.1 بال دەرىجىلىك ئۈچ قېتىم ساقىندى يەر تەۋرەش يۈز بەردى.

بۇ، كوچىلاردا يېتىپ - قوپۇپ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ قۇتقۇزۇش يېمەكلىرى بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ھايتى خەلقىغە قايتىدىن ۋەھىمە سالدى. بۈگۈن ساقىندى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن خەۋپكە ئۇچرىغان ئادەم ۋە كۆرۈلگەن زىيان ھەققىدە تېخىچە ئېنىق مەلۇمات يوق.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرى بۈگۈن پورت ئاۋ پرېنسى شەھىرىدىكى مۇھىم پرىستانلارنى تازىلاپ، چەتئەللەردىن ھايتىنى قۇتقۇزۇش ۋە قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ياردەم ئەشيالىرى كېلىدىغان يوللارنى راۋانلاشتۇرماقتا.

يەر تەۋرەشتە زەخىملەنگەن ئۆسمۈرلەرنى ھايتىدىن تىك ئۇچار بىلەن ئوچۇق دېڭىزغا ئەكىلىپ داۋالاۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مىڭ كارۋاتلىق قۇتقۇزۇش پاراخوتى بۈگۈن ھايتىغا كىرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، تۈرمە ئۆرۈلگەندىن كېيىن قورال ئىسكىلاتىنى بۇلاپ قاچقان 4500 جىنايەتچى، دۇنيا ئەللىرىنىڭ ياردەم ئەشيالىرىنى بۇلاپ - تالاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ياردەم قوبۇل قىلىش ۋەزىيىتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.