بۇ يىللىق ھەج پائالىيەتلىرى باشلاندى
2011.11.05
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نىمرە مەسچىتىنىڭ ئىچى-تېشى، چېدىر-كەپىلەر ۋە يېقىن ئەتراپىدىكى كوچىلارغا يىغىلغان ھەجچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىمام _ شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئەل شەيخنىڭ ئىماملىقىدا ناماز ئوقۇدى.
شەيخ ناماز ئالدىدىكى تەبلىغ ۋە نۇتۇقلىرىدا مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: بىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابى ئىسلامدۇر، دېدى.
بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئوقۇلىدۇ، نامازدىن كېيىن ھاجىلار مىنا تېغىدا بېرىپ «شەيتانغا تاش ئېتىش»، قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق ھەج مۇراسىملىرىنى تامالايدۇ.
بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىنىڭ بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ھالبۇكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ھەر يىلى بۇ خاسىيەتلىك كۈننى ئۆزى خالىغىنى بويىچە ئۆتكۈزۈش ئۆز ئىختىيارى بويىچە ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ياشىماقتا.